www.uyphone.com
باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > بىلىم >

3G كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ھەققىدە چۈشەنچە

يوللانغان ۋاقتى: 01:52 14-08-2010 مەنبە: 未知 ئاپتورى: ucodes ئاۋاتلىقى: قېتىم
تورتورايىمغاساقلايمەن: تۇرا ئۇلىنىش Baiduدا ساقلاش QQخەتكۈچى شىنلاڭViVi Yahooخەتكۈچى 365Keyتور تۇراس تىيەنجى تور تۇراسى تورايىم POCOتورتۇراسى 和讯تور تۇراسى يېڭى بايقاشنى يوللاڭ,Dig it تارتمىغا ساقلاش Googleخەتكۈچى Del.icio.us Windows Live
3G بولسا، ئۈچىنجى ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (3rd-generation) دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقۇرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ.

 

كۆپچىلىككە مەلۇملۇق، مەزكۇر ئاتالغۇ ئارىمىزغا كىرگىلى خىلى ۋاقىتلار بولۇپ قالدى، 3G دىن ئىبارەت بۇ يۇقۇرى تېخنىكا نەتىجىسىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس، جۈملىدىن مەنمۇ بۇ تېخنىكىدىن نەپ ئېلۋاتقانلارنىڭ بىرسى. مەزكۇر تېمىدا مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگەنلىرى ۋە ئىشلىتىش جەريانىدا ھىس قىلغانلىرىمنى بىرلەشتۈرۈپ، 3G تېخنىكىسى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن:
3G ھەققىدە
3G بولسا، ئۈچىنجى ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى (3rd-generation) دىگەن سۆزنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، يۇقۇرى سۈرئەتتە سانلىق مەلۇمات يوللاشنى قوللايدىغان كۆنەكسىمان كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ تېخنىكىدا بىرلا ۋاقىتتا ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى (يەنى: سۈرەت قاتارلىق) يوللىيالايدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سىمسىز خەۋەرلىشىش بىلەن خەلقئارا ئالاقە تورى قاتارلىق كۆپ ۋاستىلىك ئالاقە ۋاستىلىرىنى بىر گەۋدە قىلغان يىڭى بىر ئەۋلات كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسدىن ئىبارەت.
 3G تېخنىكىسى بىلەن 2G تېخنىكىسىنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، ئاۋاز ۋە باشقا سانلىق مەلۇماتلارنى يوللاش سۈرئېتى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەنلىكىدە بولۇپ، نەزەرىيەت جەھەتتىكى ئەڭ يۇقۇرى چۈشۈرۈش تېزلىكى سىكونىتىغا 3.6MB، يوللاش تېزلىكى سىكونىتىغا 384kb كە يىتىدۇ، ئۇ پۈتۈن يەرشارى تەۋەسىدە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھالدا سىمسىز كەزمە مۇلازىمىتى، تور بەتلەرنى زىيارەت قىلىش، تېلفون يىغىنى ئېچىش ۋە ئېلىكترونلۇق سودا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە خەلقئارا تېلگىراف بىرلەشمىسى بىكىتكەن 3G سىمسىز ئالاقە ئۆلچىمىدىن ئۈچى بولۇپ، بۇلار: جوڭگۇ تېلگىراف شېركىتىنىڭ CDMA2000 تورى، جوڭگۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش شېركىتىنىڭ TD-SCDMA تورى، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شېركىتىنىڭ WCDMA تورىدىن ئىبارەت، بۇنىڭ ئىچىدە CDMA2000 بولسا، جوڭگۇ بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ بۇرۇنقى CDMA تورى بولۇپ، جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتى سىتىۋالغاندىن كىيىن، تېخنىكىسىنى يېڭىلاپ، CDMA2000 غا ئۆستۈرگەن. TD-SCDMA تورى بولسا، دۇنيادىكى تۆت يۈرۈش 3G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنىڭ ئارىسىدا، دۆلىتىمىز تەتقىق قىلىپ چىققان، ئۆز ئالدىغا بىلىم مۈلۈك ھوقوقى بولغان خەلىقئارا ئۆلچەمدىن ئىبارەت. (دTD-SCDMA تورى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلى چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولسڭىز، تەڭرىتاغ تورىنىڭ TD-SCDMA تورى مەخسۇس سەھىپىسى نەزىرىڭىزدە بولسۇن. http://www.xjts.cn/special/ydxl/node_63487.htm )
 
3Gنىڭ مۇلازىمەتلىرى
 
3Gتور تېخنىكىسى ئەمەلىيەتتە سىملىق تورغا ئوخشاشلا بولۇپ، بىردىن- بىر پەرقى سىمسىز مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولۇشتىن ئىبارەت، 3Gنىڭ ھازىرقى كونكىرىت مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:
1.      كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش:
2.       كەڭ بەلباغ تورى دىيىلسە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئائىلە ياكى ئىشخانىدىكى كەڭ بەلباغ تورى كىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە، يانفۇندا تورغا چىقىش بىلەن كومپىيۇتېردا تورغا چىقىشنىڭ ئۇلىنىش پىرىنسىپى ئوخشاش بولۇپ، پەقەت، ئۇلاشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنە (بىرسى يانفۇن يەنە بىرسى كومپىيۇتېر)، ئۇلاش ئۇسۇلى، سۈرئېتى ۋە ھەق ئۆلچىمىدىلا پەرىق قىلىدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاشلا ھىسابات نۇمۇرى ئارقىلىق مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە ئۇلىنىپ، بىزنى تورغا چىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئادەتتىكى يانفۇنلارGSM تورى ئارقىلىق GPRS تورىغا ئۇلىنىپ، بىزنى تور مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ خىل ئۇسۇلنى كومپىيۇتېرغا تەدبىقلاپ، كومپىيۇتېردا تورغا چىققىلى بولسىمۇ، بىراق سۈرئېتى ئىىنتايىن ئاستا، ھەق ئۆلچىمى ئىنتايىن يۇقۇرى، شۇڭا ئوموملاشمىغان ئۇسۇل ھىسابلىنىدۇ.
3.       ئەمدى 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش بولسا، تىز سۈرئەت، تۆۋەن ھەق ئۆلچىمى بىلەن تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 3Gتورىدىن پايدىلىنىپ، يانفۇندا تورغا چىققىلىمۇ، ئوخشاشلا كومپىيۇتېر تورغا چىققىلىمۇ بولىدۇ، تېزلىكى ئادەتتىكى ADSLبىلەن پەرىقلەنمەيدۇ.
3Gتورى ئارقىلىق كەڭ بەلباغ تورىغا چىقىش، نۆۋەتتە جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتى رايۇنىمىزدا 天翼 ماركىسى ئاستىدا ئاللىقاچان يولغا قويۇپ بولغان كەسىپ بولۇپ، بۇرۇنقى CDMAتورىنىڭ 1X شەكلىدە تورغا ئۇلىنىش مۇلازىمىتى ئاساسىدا كىڭەيتىلگەن، شۇڭا رايۇنىمىزدا ناھايىتى تېزلا ئوموملاشقان، ناھىيە، شەھەر دائېرىسى ۋە بىر قىسىم يىزا- بازارلاردا يولغا قويۇلۇپ بولغان. جوڭگۇ تېلگىراف شىركىتىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسىپى ئاچقۇزغاندا، بىۋاستە يانفۇندا تىز سۈرئەتتە تورغا چىقىشقىمۇ، (بۇنداق يانفۇنلار قىممەترەك.) بىجىرگەن كارتىنى كومپىيۇتېرنىڭ چىتىلىدىغان 3G مودىمغا سىلىپ، تورغا چىقىشقىمۇ بولىدۇ. 3G سېگىنالى بولمىغان رايۇنلاردا 1X شەكلىدە تورغا چىقىشقا بولىدۇ (ئەڭ تېز نەزەرىيە سۈرئېتى 156Kb قا يىتىدۇ). CDMA يانفۇنلىرىنىڭ 3G تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش كەسىپىنى ئاچقۇزمىغان ئەھۋال ئاستىدا، پەقەت 1X شەكلىدىلا تورغا چىقىشقا بولىدۇ. بۇ كەسىپ، كەڭ بەلباغ تورى ئارقىلىق تورغا چىقىش شارائىتى بولمىغان چەت جايدىكىلەرگە ماس كىلىدۇ.
2. سۈرەتلىك پاراڭلىشىش:
 يانفۇندا سۈرەتلىك پاراڭلىشىش بولسا، 3G تور تېخنىكىسى تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتلەرنى بىرسى ھىسابلىنىدۇ. ئابونىت يانفۇننىڭ قوللىشى ئاستىدا، يانفۇندىلا كومپىيۇتېردىكى QQ, MSNلارغا ئوخشاش قارشى تەرەپ بىلەن بىۋاستە سۈرەتلىك پاراڭلىشالايدۇ. نۆۋەتتە رايونىمىزدا بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭ ماركىسى ئاستىدا، سۈرەتلىك پاراڭلىشىش كەسپى ئېچىلدى.
4.      يانفۇندا تېلىۋىزور كۆرۈش:




ياخشىكەن
(1)
50%
ناچاركەن
(1)
50%


------分隔线----------------------------


ئىنكاس رايونى-->تىزىملاتماي بىۋاستەئىنكاس يىزىشقا بولىدۇ .يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۈچۈرۋېلىپ يوللاڭ
.يانفۇنغا مۇناسىۋەتسىز يازما بىردەك تەستىقلانمايدۇ.مەزمۇننى تەپسىلى ،چۈشۈنىشلىك قىلىپ يوللاڭ
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
会员中心 ئەزامەركىزى

最新动态 يېڭىلىقلار

Tags标签云خەتكۈچ تۇپى
DCCI MIX11 Harris Pol WiFi Taxi WMV EEG html5 乐Phone Daniel Alegr NAVTEQ Tim Cook 顶级 行踪 Windows Phon ئەسسالام يېشىش bloh 吉他 I9020 WSVGA WAP مىكرو بلوگ مەن Iphone 5 WP7 رەخمەت TinyUmbrella AppleTV 集团 Astound 街机 oplayer gnubox WatchESPN 声控 解锁 3D c8500 pocket islam قانۇن Gartner Mango 发明 iOS 5 iPhoneiTouch 谷歌钱包 监控 dell moboplayer Macotakara 乔装哥 DLNA 植物大战僵尸 SDK
يانفۇن دېتالى 手机软件

يانفۇن ئۇيۇنى 手机游戏

تەۋسىيەلەر

بىكەت باش بېتى | گۇۋاھنامە ئىلتىماس | ئىلتىماس دەرسلىگى | مۇلازىمەت تۈرلىرى | دېتال يوللاش | يانفۇن تىپى ۋە سېستىما | مەسئۇلىيەت | ئۇلىنىش قۇشۇش | خەتكۈچ | RSS