Android مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش
بۇ سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ماشىنا ئادەم دېگەنلىك.
Android گوگىل تەرىپىدىن Linux kernelنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىلغان يانغون ئوچۇق مەشغۇلات سېستىمىسى.
بۇ مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلەتكۈچى Java كونپىيوتىر تىلىدا يازغان يۇمشاق دېتاللىرىنى قوللايدۇ. ئەگەر C تىلىدا يېزىلغان پىروگىراممىلار بولسا ARM يەرلىك كودىغا ئۆزگەرتىلىپ ئىجرا قىلىنىدۇ، لېكىن بۇ ئىقتىدارنى گوگىل رەسمىي تەمىنلىگەن ئەمەس.
2007-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى Androidسېستىمىسى ئېلان قىلىندى ۋە ئوچۇق يانفون بىرلىكىOpen Handset Alliance قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. يەنى 48 قاتتىق ۋە يۇمشاق دېتال سودىگەرلىرى، تېلىگىراف شىركەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلىك بولۇپ، مەقسىتى يانفونغا كودى ئېچۋېتىلگەن ئۆلچەمنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. 48 شىركەتنىڭ ئىچىدىكى بىر قەدەر داڭلىق بولغانلىرى:
Google, HTC, Intel, Motorola, Qualcomm, Samsung, LG, T-Mobile, Nvidia and Wind River Systems
Android مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ ئارتۇقچىلىقى
Android مەشغۇلات سېستىمىسى WebKit جاھان كۆرگۈچ ماتورىنى ئىشلەتكەن بولۇپ، سېزىمچان ئېكران، يۇقىرى دەرىجىلىك رەسىم كۆرسىتىش ۋە تورغا چىقىش ئېقتىدارى سەپلەنگەن. ئابونت ئېلىخەت تەكشۈرۈش، توربەت ئىزدەش ۋە توردا تېلىۋىزور كۆرۈش قاتارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ.


























