Motorola ROKR E2 بولسا 2006 يىلى بازارغا سېلىنغان Linux مەشغۇلات سېستىمىسى قوللىنىلغان ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلىفۇن بولۇپ ، بىر قەدەر ئومۇملاشقان Linux سېستىمىلىق تېلىفۇن ھىسابلىنىدۇ . سېستىمىسىنى يېڭىدىن قاچىلىغىلى بولىدۇ ، قاتتىق سەپلىمىلىرىمۇ بىر قەدەر يۇقىرى ، ئاساسلىق پارامىتىرلىرى تۆۋەندىكىچە :
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى : 2006 - يىلى 6 - ئاي
تور ئۆلچىمى : GSM
قوللايدىغان چاستوتا دائىرىسى : GSM900/1800/1900MHz
ئۇچۇر يوللاش ئۆلچىمى : GPRS
ئېكرانى : TFT سۇيۇق كىرىستاللىق ئېكران
ئېكران رازمېرى : 2.0 سۇڭ
ئېكران ئېنىقلىقى : 240*320 چىكىت
مەشغۇلات سېستىمىسى : Linux
ئىچكى ساقلىغۇچى : 11MB
سىرتقى ساقلىغۇچ : ئەڭ چوڭ بولغاندا 2GB سىغىمدىكى SD كارتىنى قوللايدۇ
چوڭ - كىچىكلىكى : 106*49.5*18 مىللىمىتىر
ئېغىرلىقى : 115 گىرام
كامېرا : 1 مىليون 300 مىڭ چىكىتلىك ( چاقماق چىرىقى بار )
RMVB , MPEG4 , 3GP فورماتىدىكى سۈرەتلىك فىلىملەرنى ، MP3،AAC،AAC+،AAC+ enhanced،WMA فورماتىدىكى ئاۋاز ھۆججىتلىرىنى قوللايدۇ .
تېلىفۇننىڭ يان تەرىپىگە مەخسۇس مۇزىكا قويۇشتا ئىشلىتىدىغان كونۇپكىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان .
FM چاستۇتىدىكى رادىئو پروگراممىلىرىنى قوبۇل قىلالايدۇ .
Java يۇمشاق دىتاللىرىنى قوللايدۇ ( توردىن نۇرغۇن قوللىنىشچان دىتاللارنى تاپالايسىز )
ئۆلچەملىك USB ئېغىزى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، كومپىيۇتېر بىلەن چېتىش ناھايتى قولايلىق .


























