ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق كونا يېڭى دوستلار! ياخشى تۇردىڭلارمۇ؟ تېنىڭلار سالامەت، خىزمەتلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق كېتىپ بارامدۇ؟ پېقىر DELL ئالدىنقى بىر نەچچە ئايدا تورغا كۆپ چىقالمدىم. چىققان ھامانلا بىلىك كۇلۇبىنى ماراپ تۇردۇم. شۇنداقلا بىلىكتىكى دوستلارنى سېغىندىم. خوش…. سالام سائەت مۇشۇنچىلىك بولسۇن. مەقسەتكە كەلسەك، ئالما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان iPhone مەھسۇلاتىنى ئۇيغۇرچە قىلغىلى بولارمۇ دەپ بىكار ۋاقتىمدا سىناپ باقتىم. ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى ۋاقتىنچە كىرگۈزەلمىگەن بولساممۇ، ULY دا تەرجىمە قىلىش تامامەن مۇمكىنكەن. بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتىم. تۆۋەندە تورداشلارغا بىر قانچە پارچە سۈرەتلەرنى يوللاپ بېرەي. كۆرۈپ باھا بەرگەيسىلەر.
«ئوڭغا سۈرۈڭ»: iPhone قۇلۇبلانغاندا كۇنۇپكىنى ئوڭغا سۈرۈش ئارقىلىق كۆرۈنمە يۈزىگە كىرگىلى بولىدۇ. بۇ بىر جۈملە سۆزنى ھەر قايسى مىللەتلەر ئۆزلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ تەرجىمە قىپتۇ. مەسلەن، ئەرەبلەر «بسىم اللە» دەپ تەرجىمە قىپتۇ. خەنزۇلار«移动滑块来解锁» دەپتۇ، ئېنگلىزچىدە بولسا «Slide to unlock» دەپتۇ. نوقۇل خەنزۇچىسىنى تەرجىمە قىلغاندا خەتلەر تولۇق كۆرۈنمەيدىكەن. شۇڭا «ئوڭغا سۈرۈڭ» دەپلا ئالدىم. j
تۆۋەندىكى سۈرەتتىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان قىسىمنى بىر قەدەر ئوبرازلىق كۆرەلەيسىز


























