ھەپتىلىك سېتىلىشى 2 مىلىيۇندىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان iPhone4 ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاۋارىچىلىققا ئۇچىرىدى. يېقىندا، iPhone4 نى سېتىۋالغۇچىلار توختىماستىن ئەھۋال ئىنكاس قىلىپ، "ھەممىنى ئۆزگەرتىدىغان" بۇ يېڭى يانفۇننىڭ ئەڭ ئادەتتىكى سۆزلىشىش ئىقتىدارىدا مەسىلە بارلىقىنى _____ iPhone4 نىڭ يان تەرىپىنى بەكرەك تۇتۇپ قويغاندا، سىگنال يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشتى. ئۆتكەن ھەپتىگىچە بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلغۇچىلارنىڭ سانى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى ئامېرىكىدىكى iPhone4 قارىتىلغان بىرقانچە ئەرز سوتقا سۇنۇلدى. "غادىيىپ" قالغان ئالما شىركىتىمۇ شىددەت بىلەن كېلىۋاتقان تەنقىدلەر ئالدىدا يۇمشاپ قالدى، ئۇلار 30 كۈن ئىچىدە خېرىدار رازى بولمىسا پۈتۈن سوممىسىنى قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. مۇتەخەسىسلەر، بۇ چوڭ كۆلەملىكiPhone4 ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ مال قايتۇرۇش دولقۇنى قوزغىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلىشتى.ئالما شىركىتى باشتىن ئاخىر قاتتىق دېتالدا مەسىلە بارلىقىنى ئىنكار قىلدى
بۇ قېتىملىق "سىگنال ۋەقەسى" دەپ ئاتالغان شامالدا، ئالما شىركىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىسى بىر مەھەل قاتتىق بولدى. 6-ئاينىڭ 24-كۈنى iPhone 4 ئېلان قېلىنىپ، بىر نەچچە سائەتتىن كېيىنلا، ئامېرىكىدا بىر تورداش مەخسۇس مۇنبەردە ماقالە ئېلان قىلىپ، iPhone4 نىڭ ئانتىنىسىنىڭ لايىھىلىنىشىدە ئەجەللىك يېتەرلىسىزلىك بارلىقىنى، چىڭراق سىقىپ قويغاندا، سىگنالنىڭ يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. دەسلەپ، تورداشلار بۇنى ئالاھىدە ئەھۋال دەپ قارىغان، يەنە بىر تورداش iPhon4نىڭ سىگنال يوقاپ كېتىش جەريانى ئېلىنغان سىن كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىنلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. ئىلگىرى iPhone4نى تازا ئۇچۇرۇپ ماختىغان تور بېكەتلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن سىناش نەتىجىسىنى يوللاشقا باشلىغان. ئامېرىكىدىن باشقا جايدىكى ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن ئەھۋال ئىنكاس قىلغان.
شۇنداق بولسىمۇ، ئالما شىركىتى بۇ مەسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئىنتايىن سوغۇق پوزىتسىيە تۇتتى، سىتىفىن.جوبىس ھەتتا بىر ئىنكاسقا جاۋاب يازغاندا "سىز ئەڭ ياخشىسى تېلفۇن ئېلىش ئۇسۇلىڭىزنى;باشقىچە;ئۇسۇلغا;ئۆزگەرتىپ بېقىڭ;دېگەن. بۇ ئاشكارىلانغاندىن كېيىن كۈچلۈك دولقۇن قوزغىغان، دۆلەت ئىچىدىكى تورداشلار ھەتتا، iPhone4 سېتىۋالماسلىقنى تەشۋىق قئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى دۆلەت سىرتىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سىناش دوكىلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، سىگنالنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىسىدە، ئالما شىركىتى تەڭ بازارغا سالغان يان رامكا قوغداش قاپچۇقى Bumper نى ئىشلەتكەن ئەھۋالدا، زور ياخشىلىنىش بولغان، بۇنىڭغا قاراپ ئىشلەتكۈچىلەر "ئالما شىركىتى ئەمەلىيەتتە ئاللىبۇرۇن بۇنى بىلىدۇ، شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار ھەل قىلماستىن Bumper نى كۆپرەك سېتىۋىلىشنى ئويلىغان." دېگەندەك قىياسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
بۇنىڭغا قارىتا ئالما شىركىتى ئىنكار قىلىپ، سىگنالنىڭ يوقاپ كېتىشى ھەر قانداق يانفۇندا بار مەسىلە، بۇ ھەرگىزمۇ iPhone4نىڭ قاتتىق دىتالىدىكى مەسىلە ئەمەس، دېدى.
>ئالما شىركىتىنىڭ بۇ پىكرىگە ئىشلەتكۈچىلەر قوشۇلمىدى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ، ئالما شىركىتىنىڭ رىقابەتچىلىرىمۇ مازاق قىلىشقا باشلىدى، نوكىيا شىركىتى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ يانفۇنىنى قانچىلىك چىڭ سىقسىڭىزمۇ سىگنال يوقاپ كەيمەيدۇ، دېدى؛ موتورولامۇ مۇشۇ پۇرسەتتە ئۆزىنىڭ يېقىندا بازارغا سالىدىغان يېڭى تېلفونىغا ئېلان ئىشلىدى، ئېلاندا:"ھەممىدىن مۇھىمى، بىزنىڭ تېلىفۇنىمىزغا قوش ئانتىنا لايىھەلەنگەن، بۇنىڭدا سىز ھەرقانداق جايدا، ھەرقانداق شەكىلدە تۇتسىڭىزمۇ، بىمالال پاراڭلىشالايسىز. سىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىڭىز بار، يەنە كېلىپ سىزنىڭ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ئەرزىيدۇ" دېيىلگەن ئەلۋەتتە، ئالما شىركىتىنى يۇمشاتقىنى يەنىلا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھەرىكىتى، ئالما شىركىتى ئاخىرىدا ئۆز سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى، ئۇلار كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە ھەقسىز يۇمشاق دېتال تارقىتىپ، سىگنال كۆرۈنمەسلىك خاتالىقىنى ئوڭشايدىغانلىقىنى ھەمدە 30 كۈن ئىچىدە يانفۇن سېتىۋىلىپ رازى بولمىسا پۈتۈن سوممىسىسنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: ئەل كۇيى تورى



























