www.uyphone.com
باش بەت
ئورنىڭىز: باش بەت > symbian >

نوكىيا يانفونلارغا سېستىما قاچىلاش ئۇسۇلى (1) - [يانفون تېخنىكىسى]

يوللانغان ۋاقتى: 17:46 30-05-2010 مەنبە: 未知 ئاپتورى: ucodes ئاۋاتلىقى: قېتىم
تورتورايىمغاساقلايمەن: تۇرا ئۇلىنىش Baiduدا ساقلاش QQخەتكۈچى شىنلاڭViVi Yahooخەتكۈچى 365Keyتور تۇراس تىيەنجى تور تۇراسى تورايىم POCOتورتۇراسى 和讯تور تۇراسى يېڭى بايقاشنى يوللاڭ,Dig it تارتمىغا ساقلاش Googleخەتكۈچى Del.icio.us Windows Live
يانفونمۇ ئىشلىتىۋەرگەنچە سېستىما كونىراپ ئەخلەت يىغىلىپ، سۈرئەت ئاستىلايدۇ، يۇمشاق دېتاللاردا كاشلا كۆرۈلىدۇ. نورمالسىزلىشىدۇ، تۆۋەند

يانفونمۇ ئىشلىتىۋەرگەنچە سېستىما كونىراپ ئەخلەت يىغىلىپ، سۈرئەت ئاستىلايدۇ، يۇمشاق دېتاللاردا كاشلا كۆرۈلىدۇ. نورمالسىزلىشىدۇ، تۆۋەندە سېستىما قاچىلاشنىڭ تەپسىلى جەريانىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن. ئۆزىڭىزلا قىلالايسىز.
نوكىيا NOKIA ماركىلىق يانفونلارغا ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇسۇلدا سېستىما قاچىلايمىز.
1. كومپيوتېردا PC سىم ئارقىلىق قاچىلاش
2. كومپيوتېردا ئىلغارلاشتۇرۇش قېپى ئارقىلىق قاچىلاش
3. يانفوندا تورغا چىقىش ئارقىلىق قاچىلاش
بىزنىڭ بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغىنىمىز 1- خىل ئۇسۇل، كومپيوتېردا PC سىم ئارقىلىق قاچىلاش ئۇسۇلىدۇر. بۇ ئۇسۇل زور كۆپ ساندىكى نوكىيا يانفونلارغا ماس كېلىدۇ. ئايرىم ساندىكى يانفونلارغا مەسلەن نوكىيا 3230 غا ئىلغارلاشتۇرۇش قېپى ئارقىلىق، 3100 غا تورغا چىقىش ئارقىلىق قاچىلايمىز. باشقا يانفونلارغا بىۋاستە PC سىم ئارقىلىق قاچىلاشقا بولىدۇ.
تەييارلايدىغان قوراللار:
1. تورغا ئۇلانغان، ئىچكى سىغىمى 512 دىن يۇقىرى كومپيوتېر
2. نوكىيا يانفون ۋە تولۇق توك قاچىلانغان باتارىيە
3. نوكىيا سېستىما قاچىلاش دېتالى
4. يانفون بىلەن كومپيوتېرنى تۇتاشتۇرىدىغان PC سىم (تەكلىماكان بلوگدا مۇشۇنداق ئاتىدۇق، باشقا ئاتالغۇ بولسا تونۇشتۇرغايسىلەر)

 

 


**************************
بۇ يەرگە كىرىپ، نوكىيا سېستىما قاچىلاش دېتالىنى چۈشۈرۈڭ
ئېنگلىزچە نۇسخا
خەنزۇچە نۇسخا
ئەرەبچە نۇسخا
تۈركچە نۇسخا
دىققەت : بۇلار پەقەت سېستىما قاچىلاش دېتالىنىڭ تىلى، يانفوننىڭ تىلىنى بەلگىلىمەيدۇ.
**************************
چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاڭ
**************************
قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن تولۇق توك قاچىلانغان باتارىيە سېلىنغان نوكىيا ماركىلىق يانفوننى كومپيوتېرغا چېتىڭ، ئاندىن بايا قاچىلىغان دېتالنى قوزغىتىڭ.
*************************
ئاندىن بۇ دېتال سىزنىڭ يانفونىڭىزنى ئىزدەيدۇ، سىز NEXT كونۇپكىسىنى بېسىپ تاللاپ بېرىسىز.
ئىزدەپ تاپقاندىن كېيىن يانفونىڭىزنىڭ سۈرىتى چىقىدۇ، سىز بۇ چاغدا يەنە NEXT كونۇپكىسىنى باسىسىز.
ئىزچىل تۈردە Next كونۇپكىسىنى باسىۋېرىسىز، ھەر بىر كونۇپكا بېسىش ئارلىقىدا بىر نەچچە مىنۇت ئۆتۈشى مۇمكىن، NEXT دىگەن خەت يورۇغاندىن كېيىن ئاندىن بېسىڭ.

ئىشقىلىپ، NEXT كونۇپكىسى يورۇق چىقسىلا باسىسىز، ئەڭ ئاخىرىدا تىزلىكنى كۆرسىتىدىغان تاياقچە ئىككى قېتىم توشۇپ بولغاندىن كېيىن Update Finished دىگەن خەت چىقىدۇ، ۋە EXIT دىگەن خەت يورۇق كونۇپكا بولۇپ چىقىدۇ، بۇ چاغدا EXIT كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
****************
بۇ چاغدا يانفونىڭىزغا سېستىما قاچىلىنىپ بولغان بولىدۇ، سىز يانفوننى كومپيوتېردىن ئاجرىتىپ، قايتا قوزغاتسىڭىزلا بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار :
يانفونغا سېستىما قاچىلانغاندىن كېيىن، يانفوندىكى بارلىق ئۇچۇرلار تولۇق ئۆچىدۇ. (سىغىم كارتىسىغا تەسىرى يوق). شۇڭلاشقا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن، مۇھىم ئۇچۇرلارنى زاپاسلىۋېلىش كېرەك.
يانفونغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا توكى تۈگەپ قېلىشقا ياكى ھەرقانداق سەۋەب بىلەن كومپيوتېردىن ئۈزۈشكە بولمايدۇ، يانفونغا سېستىما قاچىلاش جەريانىدا تېلفون كېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېلفوننى باشقا تېلفونغا ئۇلىنىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويۇش كېرەك.
يانفونغا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوننىڭ مۇھىتىنى نورمال قىلىپ تەڭشەپ قويۇش كېرەك.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
يانفونغا سېستىما قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوننىڭ Product Code نى تەكشۈرۈشىىڭىز كېرەك، ئەگەر يانفونىڭىز ئەسلى زاۋۇتنىڭ مېلى بولسا تەكشۈرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، ئەسلى زاۋۇت مېلى بولمىسا، يانفون خەنزۇچىنى تونۇماس بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كېلەر ھەپتە مۇشۇ يازمىنىڭ ئىككىنچى قىسمىدا قانداق قىلىپ ئەسلى زاۋۇت مېلىغا ئايلاندۇرۇشنى تونۇشتۇرىمەن.





ياخشىكەن
(15)
100%
ناچاركەن
(0)
0%


------分隔线----------------------------


ئىنكاس رايونى-->تىزىملاتماي بىۋاستەئىنكاس يىزىشقا بولىدۇ .يازغان ئىنكاسىڭىزنى كۈچۈرۋېلىپ يوللاڭ
.يانفۇنغا مۇناسىۋەتسىز يازما بىردەك تەستىقلانمايدۇ.مەزمۇننى تەپسىلى ،چۈشۈنىشلىك قىلىپ يوللاڭ
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
会员中心 ئەزامەركىزى

最新动态 يېڭىلىقلار

Tags标签云خەتكۈچ تۇپى
WAP Harris Pol WiFi Taxi WMV EEG html5 乐Phone Daniel Alegr NAVTEQ Tim Cook 顶级 行踪 Windows Phon ئەسسالام يېشىش bloh c8500 MIX11 吉他 I9020 مىكرو بلوگ مەن Iphone 5 WP7 رەخمەت TinyUmbrella AppleTV 集团 Astound 街机 oplayer gnubox WatchESPN 声控 解锁 3D WSVGA pocket islam قانۇن MobileMe Mango 发明 iOS 5 iPhoneiTouch 谷歌钱包 监控 dell moboplayer Macotakara 乔装哥 DLNA 植物大战僵尸 SDK Desire
يانفۇن دېتالى 手机软件

يانفۇن ئۇيۇنى 手机游戏

تەۋسىيەلەر

بىكەت باش بېتى | گۇۋاھنامە ئىلتىماس | ئىلتىماس دەرسلىگى | مۇلازىمەت تۈرلىرى | دېتال يوللاش | يانفۇن تىپى ۋە سېستىما | مەسئۇلىيەت | ئۇلىنىش قۇشۇش | خەتكۈچ | RSS