| ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ئەقلىفۇن ھەۋەسكارلىرى! ھازىرغا قەدەر نوكىيا تېلىفۇنىنى سېتىۋېلىپ، تىلىفۇنلىرى يەنىلام ئەقلىفۇن بۇلالمايۋاتقان دوسلار ئۇچۇن بۇگۇن مەن تۇنۇشتۇرماقچى بولغان بۇدىتال دوسلارنىڭ ھاجىتىدىن چۇقۇم چىقىدۇ. دىتالنى ئىسمى 直签工具 ئۇيغۇرچە ئىسمى بىۋاستە ئمزا قۇيۇش دىتالى . مەن بۇگۇن سىلەرگە بۇ دىتال ئارقىلىق كومپىيوتىغا تايانمايلا ، توردىن گۇۋاھنامە ئىلتىماس قىلىپ ۋە دىتاللارغا ئىمزا قۇيۇشنى تەپسىلى سۆزلەپ بىرىمەن. بۇدىتال پۇتۇنلەي ھەقسىز ھەمدە ئىمزا قۇيۇش ھاجەتسىز. بۇدىتال نوكىيانىڭ ئمزا قۇيىدىغان ھەر قانداق تىپلىرىغا چۇشۇۋىرىدۇ. يۇقۇرقى سۇرەت دىتالنىڭ قاچىلىنىپ بولغاندىكى سۇرىتى. 1. دىتالنى قوزغاتقاندىن كىيىن توۋەندىكىدەك ھالەتتە قوزغىلىدۇ. 2. تىزىملىكنى باسساق توۋەندىكىدەك بىرقاتار ئىجراقىلىدىغان بۇيرۇقلار چىقىدۇ. بۇلارنىڭ مۇھىمراقىنى مەن تۇنۇشتۇرۇپ ئۇتەي 1. ئىمزا قويۇپ قاچىلاش 2. بىۋاستە قاچىلاش 3.ئمزاقويغىلى بۇلىدىغان بارلىق دىتاللارنى ئىزدەش 7.دىتالنى تەمىنلىگەن تورغا چىقىش بىزئالدى بىلەن دىتاللارنى ئىزلەپ باقايلى. تۆۋەندىكىدەك چىققاندىن كىيىن سىلەر ئىمزا قويماقچى بولغان دىتالنى تاپقاندىن كىيىن تىزىملىكنى ئېچىپ رەسىمدىكىدەك 1 نى ئىجراقىلىمىز. ئىجراقىلغاندىنكىيىن توۋەندىكىدەك بۇلىدۇ بىز بۇنىڭ دىن ئاستىدىكىنى تاللاپ جەزىملەيمىز. چۇقۇم تور ئۇچۇق بۇلۇشى كىرەك.بولمىسا دىتال كارغا كەلمەي قالىدۇ.1 يۇەن ئەتراپىدا ئېقىم مىقدارى كىتىدۇ. بىز ئازراق كۇتۇپ تۇرۇمىز.توردىن ئىزلەۋاتىدۇ. ئەگەر بىر ئاز ساقلىغاندىن كىيىن بۇرەسىمدىكىدەك چىقسا مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغان بۇلىدۇ.چۇنكى مەن گۇۋاھنامىنى تورغا 2009 يىلى يوللاپ قويغان. بۇدىتالنى ئىجرا قىلىسام شۇچاغدىكى گۇۋاھنامىنى تېپىپ دىتالغا ئىمزا قۇيۇپ تەييار قىلىپ بەردى. بۇھالەتتە چىقسا 99 پىرسەن چۇقۇم مۇۋاپىقىيەتلىك بۇلىدۇ.خاتىرجەم قاچىلاۋىرىڭ. ئەگەر بۇنداق بولماي بۇھالەتتە چىقىپ قالسا سىلەر پەقەت تورغا يوللىمىغان بۇلۇسىلەر. تورغا يوللاش ئۇسۇلى بەك ئاددى. ئالدىبىلەن دىتالنىڭ باش بېتىگە قايتىمىز. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن 7 يەنى s60sign.com دىگەننى باسساق تورغا ئۇلىنىدۇ. توۋەندىكىدەك بۇتور بەتكە تىزىملاش كەتمەيدۇ.پەقەت توغرا يوللىسىڭىز بۇلىدۇ. يوللاش ئۇسۇلى- ( يانفوننىڭ يۇلتۇز، كاتەكچە،نۆل،6، كاتەكچە يەنى #06#* قاتارلىق كۇنۇپكىلارنى باسسىڭىز 15 خانىلىق ياكى 17خانىلىق تىزىم نومۇرىنى چىقىرىپ بېرىدۇ، شۇ نومۇرنى توغرا يىزىپ يوللىسىڭىز بولىدۇ) باشقا ئىش كەتمەيدۇ. توۋەندەندىكىلەرنى مەن سىناش ئۇچۇن يوللاپ باققان ھازىر ئىلگىرى يوللاپ بولغاندىن بىرىنى سىناق قىلىپ باقىلى. توۋەندىكىدەك نۇمۇرنى بېسىپ بولغاندىن كىيىن ئاستىدىكى سول تەپتىكى خەتنى بېسىڭ. ئەگەر بۇنداق چىقسا ئىلگىرى يوللاپ بولغان بۇلىدۇ.يوللاش ھاجەتسىز. ئەمدى يوللاپ باقمىغاندىن بىرنى يوللاپ باقىلى. توۋەندىكىدەك. مەن ئىلگىرى يوللاپ بولغاچقا توردىن گۇۋانامىسى تېخى كەلمىگەن بىر بۇرادەرنىڭ نۇمۇرىنى سىناق ئۇچۇن يوللاپ قويدۇم كەچۇرۇڭلار. ئاستىدىكى سول تەرەپتىكى خەتنى باسقاندىن كىيىن  مۇشۇنداق كۇرۇندى. ئىلگىركىگە ئوخشىمىدى. ئاستىدىكى ئۇچۇر غا قاراپ باقساق 46 مىنۇتتىن كىيىن كۇچكە ئىگە بۇلىدۇ. مەن خەنزۇچىنى نۇرمال بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا بۇنى مۇشۇنداق دەپ تۇراي ، توغرا چۈشۈنۈڭلار. پەقەت يوللىمىغان دوسلارنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن كۇچكە ئىگە بۇلىدىغانلىقىنى بىلىشكە مەندە ئامال بولمىدى.ئىشقىلىپ مىنىڭچە كۆپ بولغاندا 3 سائەت ۋاقىت كىتىدۇغۇ دەيمەن. بۇدىتال ئۇستىدە مۇشۇنچىلىك سۆزلەي ئىشقىلىپ تۇلۇق بولدى. يانفۇننى نۇرمال ئىشلىتىش ئۇچۇن يانفۇننى يىشىۋېتىش كىرەك.بۇنداق بولغاندا دىتاللارغا ئىمزا قۇيىدىغان ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلغىلى بۇلىدۇ. بەزى تورداشلارنىڭ سۇئاللىرىغا قاراپ باقسام HelloOX يۇمشاق دىتالىغا ئىمزا قويۇپ قاچىلىغاندىن كىيىن يانفۇننى يىشەلمىگەن .2009 دىن كىيىن چىققان يانفۇنلار يىشىلمەيدىكەن دەپسىلەر. بۇ ھازىرقى شارائىتتا مۇمكىن بولمايدىغان گەپ. نىمىشقا دىسەڭلار. مىنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىم نوكىيانىڭ 6120 بۇلىدۇ . بۇئەلۋەتتە 2007 چىققان بۇنىڭ يىشلىشىگە گەپ كەتمەيدۇ. مىنى بىر دوستۇم قايسى كۇنى 2009 - ئىشلەنگەن نوكىيانىڭ E63 دىن بىرنى ئاپتىكەن مەن مۇشۇنى بىر سىناق قىلىپ باقاي دەپ HelloOX دىتالىغا مۇشۇ قۇرال ئارقىلىق ئىمزا قۇيۇپ قاچىلىسام نۇرمال قاچىلاندى. يىشىپ باقسام نۇرمال يىشىلدى.بۇ HelloOX دىتالىنىڭ تۇرىمۇ كۆپ بۇلغاچقا بىرسىدە يىشىلمىسە چۇقۇم يەنە بىرسىدە يىشىلىدۇ. HelloOX دىتالى ئارقىلىق يانفۇننى يەشكەندە بىرىنچى قېتىم مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايدۇ . ئىككىنجى قېتىممۇ بولمىسا HelloOX دىتالى يانفۇنىڭىزغا ماس كەلمىگەن گەپ. دەرھا ل يۇيۇۋېتىپ باشقا نەشىرنى قاچىلاپ كۇرۇڭ .چۇقۇم يىشەلەيسىز. مەن توۋەندە بىۋاستە ئمزا قۇيۇش دىتالى بىلەن بىرلىكتە HelloOX دىتالىنىڭ ھەممە نەشىرنى يوللاپ قويدۇم.دوسلارنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۇمىت قىلىمەن . مەن دوسلارغا 破解助手_HelloOX_V1.05.sis مۇشۇنى تەۋسىيە قىلىمەن. باشقا ھەر قانداق گەپ بولسا تىما ئاستىغا ئنكاس ھالەتتە يېزىپ قۇيۇڭ. چۇشۇرۇش ئادرىسى: http://ishare.iask.sina.com.cn/f/9033219.html |