ھەممەيلەنگە مەلۇم، ھازىر كۆپچىلىكىمىز ئەقلىي يانفۇنلارنى دائىم ئىشلىتىپ تۇرىمىز، ياكى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇنىڭ ئىچىدە بىرقەدەر كەڭرەك ئوموملاشقىنى Symbian OS مەشغۇلات سۇپىسى ئىشلىتىلگەن ئەقلىي يانفۇنلار بىر قەدەر كەڭرەك ئوموملاشقان. مىكروسوفتنىڭ يانفۇن سىستىمىسى بولغان Windows Mobile مەشغۇلات سۇپىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇنلار بىر ئاز قىممەت ۋە ئىلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز بولغاچقا ئاز سانلىقىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقاننى ھىساپقا ئالمىغاندا كۆپ سانلىقىمىز ئۇ مەشغۇلات سىستىمىسى ئىشلىتىلگەن يانفۇننى، يەنى بىز دائىم ئىشلىتىپ تۇرىدىغان كومپىيۇتېر سىستىمىسىدىن Windowsنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى مىكروسوفتنىڭ يەنە بىر شۇ مەشغۇلات پۇكىيى بولغان Windows Mobile بىلەن كۆپ ئۇچراشمىغان.
windows ئىشلەتكۈچىلىرى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەنمۇ ئاسان چىقىشىپ كىتەلەيدىكەن.
بەزىدە Symbian مەشغۇلات پۇكىيى ئىشلىتىلگەن يانفۇنلارنى ئىشلتىۋاتقانلارنىڭمۇ مىكروسوفتنىڭ مەشغۇلات پۇكىيى ئىشلىتىلگەن شۇ يانفۇنلارنى سىناپ باققىسى كىلىدىكەن.
تۆۋەندە پۈتۈنلەي تەقىلىدىي يانفۇن يۇمشاق دىتالىنى ئىشلىتىپ، كومپىيۇتېرغا قاچىلاپ، مەشغۇلات قىلىشنى ئۈگىنىۋالسىڭىز، شۇ سىستىملىق يانفۇنلار قولىڭىزغا چىققاندا ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايسىز. بۇ يەردىكى تەقىلىدىي دىگەن گەپمۇ سەل ئارتۇقچە، تەقىلىدىي دىگەن گەپ پەقەت يانفۇن قولىڭىزدا يوق، پەقەت كومپىيۇتېردا دىگەن گەپ. باشقا مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسى راست يانفۇن بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن، بارلىق ئىقتىدارلىرى راست يانفۇن ئىشلەتكەندەكلا ئىشلىتەلەيدىكەنسىز. (بۇنداق دىسەم ئەمدى تىلفۇن ئۇرغىلىمۇ بولىدىغان ئوخشايدۇ، دەپ قالماڭ، مەن ئۇرۇپ باقتىم، ئۇرغىلى بولدى، ھەم ئۇلاندى، لىكىن 主板گە SIMكارتىسىنى چاتمىغاچقا ئاۋازىم چىقمىدىمىكىن دەپ قالدىم ) خۇددى قولىڭىزدىكى يانفۇنغا دىتال قاچىلىغاندەك ئۇنىڭغىمۇ دىتال قاچىلىغىلى بولىدىكەن. مۇزىكا، رەسىم ھۆججەتلىرىنى كۆپ ۋاستىلىق كارتىسىغا كۆچۈرمىسىڭىز چىقمىغاندەك، بۇنىڭ ئەقلى كۆپ ۋاستىلىق كارىسىتىغا ھۆججەت كۆچۈرمىسىڭىز ئۇنى قويالمايدىكەنسىز.


























