|
|
| |
| |
تۈرلەر يىتەكچىسى |
 |
|
|
|
|
| ئۇيغۇرچە - ئېنگلىزچە - خەنزۇچە لۇغەت JDict (سىناق نۇسخا) |
|
| |
|
|
يۇمشاق دېتال چۈشەندۈرشى |
|
بۇدىتالنى ئىشلىگۈچى ئۇيغۇريانفۇن تورى بىلەن ئالاقىلىشىڭ.جەۋلان خىزمەت ئىشخانىسىدىكلەرنىڭ تېلفۇن نۇمۇرىنى بىلىدىغانلاربولسابىزگە ئۇچۇرنى بېرىۋىتىلڭلار.بۇ سىزئۈچۈنمۇ پايدىلىق.
ئالاقە نۇمۇرى:13565104050
يانفون ئۈچۈن ئۇيغۇرچە - ئېنگلىزچە - خەنزۇچە لۇغەت JDict (سىناق نۇسخا)
بۇ دېتال s60 يانفونلارنىڭ 3-نەشىرىدە ئىشلەيدۇ. مەن بۈگۈن نوكىيا N80 يانفوندا سىناپ كۆردۈم، ئەمما ئۇيغۇرچە خەتلەر بىر-بىرىنىڭ ئۈستىگە مىنىۋالدى. تېخى سىناق نۇسخا بولغاچقا خاتالىقلاردىن خالى بولىشى ناتايىن. بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلەپ تارقاتقان جەۋلان يۇمشاق دېتال تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەھمەت ئېيتىمىز.
تۆۋەندىكىسى جەۋلان يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشى. يۇمشاق دېتالنىڭ بارلىق چۈشەندۈرۈش ھوقۇقى جەۋلان يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسىغا تەۋە
يۇمشاق دېتال نامى: JDict
يۇمشاق دېتال نەشرى: Beta
خىزمەت سۇپىسى: Symbian OS S60v3
چۈشۈرۈش ئورنى
بىر قىسىم يانفونلار يولخېتى تەلەپ قىلسا بۇ يەردىن يولخېتى ئېلىڭ.
رەقەملىك گۇۋاھنامە: يوق
ئەسكەرتىش: 1. يۇمشاق دېتال يانفون ساقلىغۇچىسى بىلەن كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى ئىشلىتىدۇ، قاچىلاشتىن بۇرۇن يانفوندا چوقۇم كۆپ ۋاسىتىلىك كارتا سەپلەنگەن بولۇشى ۋە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشى كېرەك.
2. يانفوننىڭ IMEI نومۇرى بىلەن باغلانغان رەقەملىك گۇۋاھنامە بىلەن گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن قاچىلاشقا بولىدۇ.
ئۇيغۇر يۇمشاق دېتالچىلىقىدا ئىنتايىن مۇكەممەل بولغان، تېخنىكا سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان، سۆزلۈك مىقدارىنىڭ موللىقىدىن كىشىنى تولىمۇ رازى قىلىدىغان لۇغەت يۇمشاق دېتاللىرى ئاللىقاچان مەيدانغا كەلدى. ئىنتېرنېتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ لۇغەت سېتىۋېلىش ياكى قاچىلاش ئىمكانىيىتى بولمىغان ئورۇنلاردا ئىنتايىن قۇلايلىق ھالدا ئىنتېرنېت ئارقىلىق ئىشلىتىشكە بولىدىغان تور لۇغەتلىرىمۇ مەيدانغا كەلدى. ئۇنداقتا كومپيۇتېر ۋە ئىنتېرنېتمۇ يوق شارائىتتىچۇ؟ ئەلۋەتتە، تىرىشچان ئوغلانلىرىمىزنىڭ ئىزدىنىشى بىلەن يانچۇققا سېلىپلا يۈرۈشكە بولىدىغان، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئىشلىتىشكە تولىمۇ ماس كېلىدىغان، كۆپلىگەن ئىقتىدارلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئىرپان، مۇئەللىم ماركىلىرىدىكى ئېلېكترونلۇق لۇغەتلەرمۇ كەينى-كەينىدىن مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى! بۇ ئەلۋەتتە ھەممىمىزنى خۇشال قىلىدىغان ئىش! بۇلارغا سېلىشتۇرغاندا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىغا مۇناسىۋەتلىك يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھازىر ئەڭ تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىسىنىڭ بىرى بولغان يانفون مۇھىتىدا ئىشلىتىلىشى ۋە تېخنىكىلىق تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا بولماقتا. بۇنىڭ سەۋەبىنى نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئىزدەش ۋە ھەرخىل چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، يولۇققان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنى يانفون دۇنياسىغىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئېلىپ كىرىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە!
مۇشۇنداق بىر تەقەززا بىلەن بىز ئاز-تولا ئىزدىنىش ئارقىلىق ھازىر ئەڭ مودا بولۇۋاتقان ئىدراكلىق يانفون مەشغۇلات مۇھىتى - S60v3 تە ئۇيغۇر يېزىقىنى قوللىنىش، بۇ مۇھىتقا ماس كەلگەن يۇمشاق دېتاللارنى ئېچىش تېخنىكىسىنىڭ دەسلىپىنى ئىگىلىدۇق. بىر مەزگىللىك ئۆگىنىشىمىزنىڭ خۇلاسىسى سۈپىتىدە مانا بۇ يۇمشاق دېتالنى ھەممىڭلارغا سۇنۇپ ئولتۇرۇپتىمىز!
1. قاچىلاش:
JDict پروگراممىسى بىلەن لۇغەت ئامبىرى ئايرىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاۋۋال JDict پروگراممىسىنى قاچىلايمىز، ئاندىن لۇغەت ئامبىرىنى كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا ئورنىتىمىز.
2. كىرگۈزۈش:
خەنزۇچە ۋە ئىنگلىزچە سۆز ئىزدەشتە خەت كىرگۈزۈش ئادەتتە قىسقا ئۇچۇر ۋە باشقا ئورۇنلارغا خەت كىرگۈزگەن بىلەن ئوخشاش، بۇنىڭغا باشقىچە ئۇسۇل ئىشلىتىلمىدى. ئۇيغۇرچە سۆز ئىزدەشتە خەت كىرگۈزۈش ئۈچۈن سىناق تەرىقىسىدە ULY ئاساسىدىكى ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنىڭ يانفون كۇنۇپكا تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇش لايىھىسىنى تۈزىۋېلىپ، مۇشۇ ئاساستا ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياساپ چىقتۇق. يەنى: يانفون كۇنۇپكا تاختىسىدا 0 گە بوشلۇق، 1 گە ھەرخىل تىنچ بەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا 2 دىن 9 غىچە بولغان كۇنۇپكىلارغا ئىنگلىزچىدىكى 26 ھەرپ چېچىۋېتىلگەن. ULY دا مۇشۇ 26 ھەرپ ئارقىلىق ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىپادىلەيدىغان بولغاچقا بىزمۇ مۇشۇ ئىپادىلىنىش شەكلى بويىچە 32 ھەرپنى يانفون كۇنۇپكا تاختىسىغا ئورۇنلاشتۇردۇق. (دەسلەپتە كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش بىلەن بىردەك قىلىشنى ئويلاشقان ئىدۇق، لېكىن سىناقتىن مەلۇم بولدىكى، ئادەمنىڭ كومپيۇتېردا خەت كىرگۈزۈش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكى يانفونغا ماس كەلمەيدىكەن...) ئورۇنلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك: (ئىشىنىمىزكى، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلەتكۈچىلەرگە قۇلايلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ.)
0- ئىنگلىزچىدا: بوشلۇق، JDict تە: بوشلۇق.
1- ئىنگلىزچىدا: . , - ( ) ۋە باشقا تىنچ بەلگىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ئ(ئەمزە) -(سىزىق) ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
2- ئىنگلىزچىدا: a, b, c لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ا، ب، چ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
3- ئىنگلىزچىدا: d, e, f لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: د، ە، ې، ف لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
4- ئىنگلىزچىدا: g, h, i لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: گ، غ، ھ، ى لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
5- ئىنگلىزچىدا: j, k, l لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ج، ژ، ك، ل لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
6- ئىنگلىزچىدا: m, n, o لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: م، ن، و، ۆ، ڭ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
7- ئىنگلىزچىدا: p, q, r, s لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: پ، ق، ر، س، ش لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
8- ئىنگلىزچىدا: t, u, v لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ت، ۇ، ۈ لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
9- ئىنگلىزچىدا: w, x, y, z لار ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛ JDict تە: ۋ خ، ي، ز لار ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
3. باشقۇرۇش:
JDict نىڭ ئىچكى قىسمىدا باش تىزىملىكتىن باشقا ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىدە يانفوننىڭ سول تەرەپ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى «جەزملەش»، ئوڭ تەرەپ ئىقتىدار كۇنۇپكىسى «قايتىش» ۋەزىپىسىنى بېجىرىدۇ. يانفوننىڭ ئوتتۇرىدىكى نورمال ھالەتتىكى جەزملەش كۇنۇپكىسى خەنزۇچە كىرگۈزگۈچ بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغاچقا بۇ كۇنۇپكا ئىشلىتىلمىدى.
4. لۇغەت ئامبىرى:
لۇغەت ئامبىرى كۆپ ۋاسىتىلىك كارتىغا قاچىلىنىدۇ. ئورنى كۆپ ۋاسىتىلىك كارتا ئاستىدىكى JDict مۇندەرىجىسى(يەنى، E:JDict مۇندەرىجىسى). جەۋلان يۇمشاق دېتال خىزمەتخانىسى تارقاتقان باشقا ئامبارلارنى توردىن چۈشۈرۈپ، مۇشۇ ئورۇنغا كۆچۈرۈپ قويسىڭىزلا JDict تە ئىشلەتكىلى بولىدۇ. JDict قاچىلانغاندا 32 سۆزلۈكى بار ئىككى سىناق ئامبارنى بىللە قاچىلايدۇ. باشقا ئامبارلار تەييار بولدى، بىر-ئىككى كۈن ئىچىدە ئىشلىتىشىڭلارغا سۇنىمىز.
5. مۇھىم ئەسكەرتىش:
JDict پروگراممىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قاچىلانغاندىن كېيىنلا چوقۇم يانفوننى بىر قېتىم قايتا قوزغىتىڭ! بولمىسا نورمالسىزلىق كۆرۈلۈشى مۇمكىن!
بىر قىسىم يانفونلار يولخېتى تەلەپ قىلسا بۇ يەردىن يولخېتى ئېلىڭ.
كومپيوتېردا شۈنلېي ئوچۇق بولسا چۈشمەيدۇ.
يۇمشاق دېتالنى ئىشلىگەن شىركەت: www.jewlan.com
|
|
| |
|
|
|
|